NapBasakYahxi_Nurali_Awut
作词 : Kurbanjan mahmut
作曲 : Kurbanjan mahmut
编曲 : iskandar eziz
خوش ، غوجام دەپ ھەممىگە ئېلىپ بەرسەك ياخشى .
چاقىرغاندا لەببەي دەپ كېلىپ بەرسەك ياخشى .
بار ، قىلسۇنكى ھېچكىمنى زار قىلىپ قويمىسۇن .
مەيلى تۇغقان ياكى دوستقا نەپ بەرسەك ياخشى .
سالسام دەيدۇ دوپپامغا لىققىدە جىگدە .
ئۆزى خوشتۇر كۆڭلۈڭنى قىلىۋالسا زېدە .
ئالسام دەيدۇ كۆرۈپ ، قالسا قولۇڭدا گىردە .
ماقۇل ، دەپلا دېپىغا ئۇسسۇل سېلىپ بەرسەك ياخشى .
ئادەم تۇرۇپ ئادەمگە يارىماق قىيىن .
نەپ بەرمىسەڭ ئالدىدا نەرىڭ بىر تىيىن .
شالتىقى يوق ، شاپاققىمۇ ، قونمايدۇ چىۋىن .
سېنىڭ راست دەپ چاۋاكنى چېلىپ بەرسەك ياخشى .
دوستۇم دەيدۇ ئاغزىدا يۈرەكتىن دېمەس .
پايداڭ يەتمىسە ھەرگىزمۇ يىقىلساڭ يۆلىمەس .
ئادەم دېگەن ، شۇنداق نەرسە قىلغاننى بىلمەس .
ئۇنىڭدىن ھايۋانغا يەم بەرسەك ياخشى .
سېنىڭ راست دەپ چاۋاكنى چېلىپ بەرسەك ياخشى .
可恶的王:印度风格的舞曲嘛有意思
月是讽喻诗:整体听起来还不错.̮
Fox王尔德:感情真挚投入
喜欢维族舞曲:好好
古筝温润中文DJ:[很棒][很棒][很棒][很棒]
