xunqamurakap复杂_Forever_Music
ناخشا: شۇنچە مۇرەككەپ,
مەيلى قىلغىن مىڭ ياخشىلىق بىر كۈندە,
ئۇنتىلىدۇ قىلغانلىرىڭ بىردەمدە,
رايىغا بىر باقمىساڭلا سەن ئەگەر,
دۈشمەن بۇلۇپ تۇرىدۇ ئۇ قەستىڭدە,
ئەڭ ئەرزىمەس مۇناسىۋەت شۇ بولدى,
مىھىر كەتتى دىلغا ھەسەت ئۇۋا سالدى,
بىر خاتالىق كۆرۈپ قالسا كۆزلىرى,
بارلىق قىلغان ئەجرىڭدىن تۈپتۈز تاندى,
ئىنسان تەبىيتى شۇنچە مۇرەككەپ,
يۈرىيدۇ ئۇ غەرەز بىلەن كۆز تىكىپ,
ئۆزى قىلغان جەبىرلەرنى ئۇنتۇيدۇ,
باشقىلاردىن كەڭ قۇرساقلىقنى تەلەپ,
مۇزىكا,
ئۆز نەپىنى ئۈستۈن قۇيار ھەر قاچان,
ئىشەنمە سەن يالغان كۈلكە سۆزىگە,
بويالغان ئۇ ساختىلىقنىڭ رەڭگىگە,
قەدرىڭنى بىل كەتكىن يىراق ئۇلاردىن,
ئىنسان تەبىيتى شۇنچە مۇرەككەپ,
يۈرۈيدۇ ئۇ غەرەز بىلەن كۆز تىكىپ,
ئۆزى قىلغان جەبىرلەرنى ئۇنتۇيدۇ,
باشقىلاردىن كەڭ قۇرساقلىقنى تەلەپ,
كۆكسىڭنى كەڭ تۇتساڭمۇ گەر سەن ھامان,
ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ كېتەر بۇ زامان,
ئېھ ئىنسان تەبىيتى…,
ئېھ ئىنسان تەبىيتى…。
