首页男歌手rena热娜_Qemirdin_Tursun(克米尔)

rena热娜_Qemirdin_Tursun(克米尔)

相关歌手专辑:Qemirdin_Tursun(克米尔)

 
歌 词

رەنا
ناخشىدا: قەمىردىن تۇرسۇن

بۈگۈن قەلبىمگە ئالەم، ئالەم سۆيگۈ
مۇھەببىتىڭنى ئېلىپ كەلدىڭ سەن
ھاياتىمغا ھەم يەنە كۈنسىرى چەكسىز
خۇشاللىقىمنى ئېلىپ كەلدىڭ سەن

يېنىڭدا ھەم سېغىنىمەن
بىر ساڭىلا تەلپۈنىمەن
سۆيگۈنۈم، سۆيگۈنۈم، مەن بۈگۈن

رەنا، رەنا، سەن بىلەن گۈزەل دۇنيا
رەنا، رەنا، يۈرىكىم تەشنا ساڭا
رەنا، رەنا، ئارزۇيۇم سەن بىغۇبار
رەنا، رەنا، سەن ئۈچۈن دىلىم يانار

قولۇڭنى تۇتۇپ يۈرگىنىمدە بۇ ھايات
يەنىلا گۈزەل بولۇپ كۆرۈنەر
گويا سەن شېرىن مەن ئۆزۈم مىسلى فەرھاد
دىللىرىمىز ھوزۇر بەختكە چۆمۈلەر
بۇ دۇنيادا بارلىقىم سەن
شېرىن دەردىم، شادلىغىم سەن
سۆيگۈنۈم، سۆيگۈنۈم مەن ئۈچۈن

رەنا، رەنا سەن بىلەن گۈزەل دۇنيا
رەنا، رەنا، يۈرىكىم تەشنا ساڭا
رەنا، رەنا، ئارزۇيۇم سەن بېغۇبار
رەنا، رەنا، سەن ئۈچۈن دىلىم يانار
رەنا، رەنا، ئارزۇيۇم سەن بىغۇبار
رەنا، رەنا، سەن ئۈچۈن دىلىم يانار
سەن ئۈچۈن دىلىم يانار

查看完整歌词
网友热评
零距离的思念 风啊风
相关歌曲