首页男歌手Boldi_ozhal,Mamatali

Boldi_ozhal,Mamatali

相关歌手专辑:ozhal   Mamatali

 
歌 词

歌词来源:《红楼梦》
ئۆز ۋاقتىدا بەگ- غوجاملار تولغان ساراي،
غۇربەت بېسىپ قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى.
بىر چاغلاردا بەزمە-مەشرەپ قاينىغان جاي.
گۈللەر توزۇپ دەل-دەرەخلەر خازان بولدى.
زەر تۇرۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،
گۈل پەنجىرىلەر ئوت گىياھقا ئاشيان بولدى.
ئۇپا-ئەڭلىك، خۇش پۇراقنىڭ نە ھاجىتى؟
قىروۋ قوندى چاچقا ،قېرىلىق ئايان بولدى.
كېچە تۇپراق ئارا كىرسە مۇردا بۈگۈن-
ئاشىق مەشۇق ھۇجرا ئارا پىنھان بولدى.
ساندۇق-ساندۇق ئالتۇن-كۆمۈش ساقلىغانلار
كۆز ئاچقۇچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى.
ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن ئاھ ئۇرغانلار،
كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.
ئاتاسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،
ئېھتىمالىم قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.
بايۋەتچىدىن ئۆزىگە جۆر ئىزدىگەنلەر،
تاپقان جايى چالا خۇنۈك مەيدان بولدى.
تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كەيمىگەنلەر،
كىيىپ قوۋۇق، ياتقان جايى زىندان بولدى.
ئاخشام تېخى جۇل-جۇل توندىن غىڭشىغانغا،
بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى.
بىرى تەختتىن چۈشسە يەنە بىرى چىقتى،
ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرت ماكان بولدى.
قويغىنە بۇ ئەپسانىنى ھەننىۋاسى-
باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى
昔日贵人云集的宫殿,
如今被凄凉与荒芜侵占。
曾几何时欢歌宴饮之地,
花叶凋零,草木尽染秋寒。
金饰的穹顶挂满蛛网,
花窗化作野草的巢房。
芬芳与光彩早已消散,
霜雪覆发,衰老尽显容颜。
夜半若踏入这片废土,
恋人往事已悄然入土。
曾囤积成箱金银的人们,
转眼沦为乞丐,繁华尽付。
那些叹生命短暂而自怜者,
自身却化作孤魂远去不还。
曾被父亲严厉训诫之人,
只怕所作所为皆是背叛。
从故园寻觅伴侣的游子,
寻到的却是冰冷残破的战场。
嫌王冠太小便弃之不戴者,
最终戴着镣铐,身陷牢房。
昨夜还身着华丽的锦袍,
今日那贵族衣衫已成破袄。
一人下台,另一人又登顶,
最终我也漂泊异乡,无依无靠。
放下这曲传奇吧,哈尼瓦西,
它终将化作别人婚宴的礼服,空余寂寥。

查看完整歌词
网友热评

15756355999:oygasaldgu

feranso:

阿公的热气球Grandpa''sBalloon OMAKKIZQATMA
相关歌曲