QizilGulum_Babur
作词 : Babur
作曲 : MIKRAY TURSUN
编曲 : MIKRAY TURSUN
مۇزىكا
قىزىل گۈلۈم قارچۇغانىڭ بالاسى
قانداق قىلاي ئەي كۆزۈمنىڭ قاراسى
قانات ياساپ ئۇچۇپ بارسام يانىڭغا
ساقىيار ئىدى يۈرۈگۈمنىڭ ياراسى
ياخشى دەيدۇ يىڭى باغنىڭ چىلانى
يامان دەيدۇ چۆل قۇملۇقنىڭ ئىلانى
بوز يىگىتىم پىنھان بىلەن يۈرەيلى
يامان دەيدۇ دۈشمەنلەرنىڭ پىلانى
مۇزىكا
ئۈكەر چىقىپ ئاي نىمىشقا پاتمايدۇ
چولپان تۇغۇپ تاڭ نىمىشقا ئاتمايدۇ
ئىككى تاغدا كاككۇك بىلەن زەينەپتەك
بۇ ئالەمدە يۈرەكلىرىم قانمايدۇ
قىزىل گۈلۈم ئۆچمەس ئوتتۇر نامىڭىز
كىمگە يىتەر بىزنىڭ پەريات نالىمىز
سىز ئۇ ياقتا مەن بۇياقتا ئىنتىزار
غارىپ باشقا قاچان چۈشەر سايىڭىز
مۇزىكا
ئارمان بىلەن ئۈتۈپ كەتتىم تارىم دەپ
مۇڭلىنىمەن ناخشام بىلەن يارىم دەپ
بۇلبۇل كۆڭلى قىزىل گۈلگە قانغانمۇ
كىم ئىيتىدۇ يۈرەك باغرى ئايرىڭ دەپ
بۇلبۇل كۆڭلى قىزىل گۈلگە قانغانمۇ
كىم ئىيتىدۇ يۈرەك باغرى ئايرىڭ دەپ
很高兴认识你gl:真的,非常喜欢听,一点都听不腻
云村村民174770975926897:好听
Kaysar618_:好听
TaxKampvt:很特别,天籁之音。赞
aRaFaT_JoEl:这不就火了吗,你黑胶呢Babur丶:这首歌火了。每个人免费送黑胶
