yapraksezgul_Bater_official
作词 : Bater official
作曲 : MaJ(朱建宇)
تېكىست:سازايى
توغرا ئاشۇ شىرىن مىنۇتلار ھىلىھەم يادىمدا
سەۋدايى بولغاچقا ساقلىغانتىم سېنى تومۇزدا جۇدۇندا
سەنلا بولغاچ ئويۇمدا چۈشۈمدە ھىلال
ئانامغائوخشاش ئايالنى تاپىمەن دىدىم ھامان
ئانام ئۈچۈن تىخىمۇمۇستەھكەملەنگەن بۇ مۇھەببەت
دوسلىرىمدىن كۈتمىدىم ۋاپا كۈتمىدىم مىننەت
قىلۋاتقىنىم مىىننەتچىلىك قىسمەتكە يىقىن كەلمە
ئىختىساسلىق قىلالمىساممۇ بىرجۇپ قولۇمنى ئاتالايمەن
كۆرەڭلىك ئائىلەڭدە ئاقسۆڭەكلەرچە
ياراتمايدۇ ئاتا ئاناڭ تۆۋەن كۆرۈپ ئائىلە تەبىقە
قولۇمدا گۈل دەستە قولىنى تارتتىم تەستە
سۇلاشتى باغرىمدىن سېنى ساقلىغان بىر كېچىدە
ياشىلىرىم تۆكۈلدى سەھەردە
سېنى ئۇنۇتاي ئانام بەرگەن ياغلىقتا يېشىمنى پاكىزمەن قۇرۇتاي
يىگىت بېشىم ئامان بولسا شەمى شەھەردە يايرىم
مەيلى مەن نەزىرىڭدە بولۇمسىز بىر نامرات بولاي
توزۇيدۇ ھامان پورەكلەپ ئىچىلسا ياپراقسىز گۈللەر شادلىقى تامام
ئاشىق سۆيگۈسى سەۋدايى ھىكايە سەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئەرزان جانان
توزۇيدۇ ھامان پورەكلەپ ئىچىلسا ياپراقسىز گۈللەر شادلىقى تامام
ئاشىق سۆيگۈسى سەۋدايى ھىكايە سەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئەرزان جانان
ئۇنتۇلماس سۆيگۈ تۇنجى قار كېچىسى ئايان
مەنزىللەر مەزمۇنى ھالىتىڭنى تەسۋىرلەنسە
يۈرەك ئوتۇڭدىن ئۆچكۈچەپانۇس ئاستىدا
ئۈستى بېشىمنى ئاپپاق قارلار ۋىلايىم سوغۇقلار باسقان
سەۋەبلەر ئاشكارا ئەقىدىلەر ئازلار
نېمىشقا مەۋجۇتتۇر ئازاب مەندەك بىر ياشقا
مەنمۇ سىلەردەك كۆيگەن قارا كۆز قەلەم قاشقا
كۈلگۈم كەلدى تۇيۇقسىز قىلغان قىلمىشىمغا
خەيرىلىك سەھەر شېرىن مەن پەرھات ئەمەس
چۈشكۈنلۈك كەلگۈسىمگە زىيانلىق پەقەت
قىلىدىغان ئىشلىرىم نۇرغۇن سنىڭ ۋاپاتى ئەمەس
جۈپتىم بىلەن ياشايمەن شارائىتىم بولسىمۇ قەپەس
كۈن چىققىچە مەھەللەڭدىن قايتتىم
گۈزەل مەنزىرىلەرنى ھەقىقىي ئەقىدەم بىلەن كۆرۈشكە تاللىدىم
مەن ئىشنىمەن مىنى قەدىرلىگەن جاناندىلا ئىكەن
ئۆزۈمگە تىگىشلىك مۇھەببەت رىسقىم
توزۇيدۇ ھامان پورەكلەپ ئىچىلسا ياپراقسىز گۈللەر شادلىقى تامام
ئاشىق سۆيگۈسى سەۋدايى ھىكايە سەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئەرزان جانان
توزۇيدۇ ھامان پورەكلەپ ئىچىلسا ياپراقسىز گۈللەر شادلىقى تامام
ئاشىق سۆيگۈسى سەۋدايى ھىكايە سەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئەرزان جانان
سېنىڭ ھەربىر قەدىمىڭگە ياپراقلىرىمنى پايانداز قىلاي
سەن پەقەت مىسكىن كۈز پەسلىدىن ھۇزۇر ئال خالاس
كۈتۈشۈم سەن ئۈچۈن نادانلىقمۇ
ياق
كۈتۈشلىرىمگە سەن پەرۋاسىز
خەير
ئاڭلاشنى خالىمىساڭمۇ
جەمىيىتىمىزدە ئەۋجىگەن ھەشەمەت توي تۆكۈن
ئادەتلەر ئۆزگۈرۈپ ئۆرپلەر بىر تۈركۈم
ئىنسان غەزەپ ئاچكۆز ئىسراپ زېيادە
ئىناۋەت ئىداقەت ئابروي بىلەن قىلىنغان ھىمايە
ھەقىقەتتىن يىگانە بولدى ھەقىقىي سۆيۈشكەنلەر
ھەممىسىدىن ئاجىز ئىكەن سۆيگۈ ئۈچۈن ئۆلۈشكەنلەر
سەۋەپ مال دۇنيا ھەسەت كۆز كۆزلەر كۈچلۈك
ئىنايەتلەز ئازلاپ بىر بىرىبى شىلىپ سۆكۈپ
چۈشەنچىلىرىمىز مىساللىق خەير خوش جانان
ھىجران ئازاپ داۋاسى ۋاقىتتۇر ھەرقاچان
بەختىڭنى تىلەيمەن ئۇ سېنىڭ تاللىغان يولۇڭ
مەغلۇبىيەتلىرىمنى ئۆزۈمگە قىلىۋالمىدىم زۇلۇم
خاتىرە دەپتىرىمگە رايېم يىزىلغان گەپلىرىم
ئىچىپ ئوقۇدۇم شۇ ئىشلار ئۆتۈپ ئۇزاق يېلدىن كىيىن
بەختىمنى سەزدىم تاپتىم بالىلىرىم ئايالىم ئائىلەم
ئۆزۈمگە تېگىشلىك مەجبۇرىيەت تۇرمۇشقا خاتىم

LO737