首页男歌手kiqalar_xapaat_osman,Dilyar_Wahap

kiqalar_xapaat_osman,Dilyar_Wahap

相关歌手专辑:xapaat_osman   Dilyar_Wahap

 
歌 词

بۇ قاراڭغۇ كېچىلەر ،
ئۇنى مەندىن سورىشار .
يۈرۈكۈمنى ، سۆزۈمنى
دەريالارمۇ ئاڭلىشار .
كىم مەن بىلەن مۇڭدىشار ؟
ھالىمغا ھال بولۇشار ؟
يەنە ھالىم پەرىشان ،
ئۇنىلا ئىستەر يۈرەك .
مەنمۇ پەيخانە ئىدىم ،
غېمىمگە غەم قوشۇلدى .
يالغۇزلۇقۇم قېتىلىپ ،
دەردى تولا ئۆتۈلدى .
يەنە ئېيتسام سىرلىرىم
يامغۇر كەبى تۆكۈلدى .
كىم بىلەركەن ھالىمنى
ئۇنىلا ئىستەر يۈرەك .
ئۆتمەس كېچەلەر ، كېچەلەر .
سەن يۈتكەن يۈرەك ، ئوتلاردا كۆيەر .
ئۆتمەس كېچەلەر ، كېچەلەر .
سەن يۈتكەن يۈرەك ، كىملەرگە كۆنەر ؟
باغرىم ئەركەسى ئۆزى ،
باشقا يارلار كېرەكمەس .
ئۇ بولمىغان سۆيگۈگە
غېرىپ قەلبىم كۆنەلمەس .
ئۇنۇتۇلغان دەريامەن ،
ھېچكىم ئۇندا ئۈزەلمەس .
باشقا غەملەر غەم ئەمەس ،
ئۇنىلا ئىستەر يۈرەك .
ماڭا سەنسىز ياشىماق ،
چەكسىز ئۆمۈردىن ئۇزاق .
گەر ئۇنۇتساڭ ئىسمىمنى
بەختىم گۈللىرى توزار .
ئۇزۇن ھىكايەم ئۆزۈڭ
ئېيتسام ئېيتسام سوزىلار
ئۇنى ھەممە ئاڭلىشار
سېنىلا ئىستەر يۈرەك .
ئۆتمەس كېچەلەر ، كېچەلەر .
سەن يۈتكەن يۈرەك ، ئوتلاردا كۆيەر .
ئۆتمەس كېچەلەر ، كېچەلەر .
سەن يۈتكەن يۈرەك ، كىملەرگە كۆنەر ؟

查看完整歌词
网友热评

DilyarWahap:希望大家喜欢

olgan-Yulak:-KimUqunKimlarniRanJittigKimlarniDapKimLarDinKaxtig?NimUqunKaysiYoldaMagdigKimlarUqunNimlarNiKildigNimlarNiYokattig?NimlarGaErixtigArZiMdu

FaatiMaa:希望所有的结局都对得起最初的相遇.

星空T7F2:好听

Gvzalnur19971126:祝你长命百岁,身体健康,你这么棒

逆水寒发财舞(口水) 最初的梦想(DJ版)
相关歌曲