Heyr_Nutul,Sirkul,Rejez
作词 : Rejez
作曲 : Sirkul
编曲 : Sirkul
دېلىغۇل بولىمەن كۆزۈڭگە قاراپمەن
كەيىپمەن بەئەينى سۆزلۈرۈڭ شاراپ
سىرغىغان ياشلار كۆز چاناقنىقتىن ماراپمۇ
يىپىدىن ئۈزۈلگەن مارجاندەك تاراپ
سەندىكى مۇھەببەت قىزىل رەڭ ۋاراقچە
مەندىكى بىر چوغدۇر ئوتۇن قىپ قالاپ
لېكىن سەن ئۆزۈڭچە بەك ئالىي جانابسەن
ئۆتكەن ھەر سەۋەننى قۇمچە قىپ ساناپ
يۈرۈگۈم لەختە بوپ ئىچىدىن قاناپ ھەر
سۆيگەنمەن كۆكسۈمنىڭ قېتىدىن خالاپ ھەم
كۆڭۈلنى دەستە گۈل ئوراقتا ئوراپمۇ
يا ئۆتۈش كېرەكمۇ ساڭىلا ياراپ
سۆزلۈرۈم ئېيتىلار ساڭىلا ئاتاپ
لېكىن ئۆزۈڭ مەقسەدنى مەقسەدلىك تاقاپ
سەۋەنسىز باتناپ سەن تېمىدىن ئاتلاپ سەن
يۈرسەڭمۇ يۈرىمەن ئېتىڭنى يادلاپ
كېبىرنى سەن ئۈچۈن يىراققا پالاپ مەن
ئاقىۋەت ئالدىڭدا خاراپتىن خاراپ مەن
كاززاپلىق قىلمىغان كاززاپتىن كاززاپ مەن
خاتىمىدە قۇچاق ئاچقىنى ئازاپ
ئالقاننى جاپادا باسسىمۇ قاداق گەر
قۇيىشىم ھامىنى چىقىدۇ پارلاپ
بەلكىم بۇ ئاشىقلىق سوئال ۋاراقتىكى
مەشۇققا قايتۇرغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ
بىلىپ قويغىن بىلىپ يەتكىن
ساڭا ئاشىق يۈرەگىمنى
بىلىپ قويغىن بىلىپ يەتكىن
ساڭا كۆيگەن يۈرەگىمنى
نېمە ئۇ بەخت؟
نېمە ئۇ تەخت؟
مەن سېنىسڭىز پىنھانغا بەنت،
پىنھان ئىچرە نە خۇش بۇ قەلب،
سەن بۇ شېكەستتە قەلبكە سېلىنغان قەنت،
كۆڭۈل كۆزۈم پەقەت ساڭىلا جەلب،
ئىشقىمنىڭ قەرەل تاقىتى پەقەت ساڭىلا سەرپ،
سەن ئەڭ گۈزەل شېئىر مىسرا قۇرلانغان ھەرپ،
مەن شۇ مىسرا قۇرلارغا شارابسىز غەرق!
مەن ئىلاجسىز بىقارار بولدۇم،
سەنسىزلىككە كۆنەلمىدىم ھېچ، كۆنمەك بولۇپ،
خۇش كۈلەلمىدىم ھېچ، كۈلمەك بولۇپ،
ئۇشبۇ ھايات بەزمىسىدە مەي بىلەن سۆيۈشۈپ ھوزۇر كەيىپىنىمۇ سۈرەلمىدىم ھېچ، سۈرمەك بولۇپ،
بىلىندىم ئۆزۈمگە پەرھات سىياق ئۆرنەك بولۇپ،
سەن ئۇچتۇڭ ئاخىر ھۆر ئاققۇ بولۇپ، مەن ئارقىڭدا قالدىم ئىلاجسىز ئۆردەك بولۇپ،
مەيلى سەۋداغا سوغۇق سۇ سەپكەنگە خەير،
نادامەت ھېسىنى چەككەنگە خەير،
كۆڭلۈمنىڭ ئىشىكىنى ئەتكەنگە خەير،
خەير جانان، مۇرادىڭغا ھەم يەتكەنگە خەير،
شۇ نازۇك ھېس بىلەن ئەڭ دەسلەپتە كۆڭلۈمنى چەككەنگە خەير،
خۇش كەلدىڭ پىنھانلىق!
سەندىن باشقا مېنى تاشلاپ كەتكەنگە خەير!
subi0317:Heyr
Nutul:
-酷毒西:Payzi[心动]
Super07-:表盘的指针能转回原位,可走过的光阴,早成了回不去的从前
pozur-M7:
